خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىغا ئېغىر زىيان سالماقتا
2024.09.17
«بۈگۈنكى تۈركىيە» گېزىتىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى (DEIK)نىڭ رەئىسى نائىل ئولپاك (Nail Olpak) يېقىندا تۈركىيەنىڭ تاشقى ئېكسپورت ئەھۋالى ھەققىدە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ئىشلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ ئاپەت بولۇپ قالغۇسى» دېگەن.
نائىل ئولپاكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھازىرغا قەدەر 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ بولغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ياۋروپا بازىرى ئەڭ مۇھىم نىشان قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ بازارغا ئەڭ تېز سۈرئەتتە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە مال يوللاش مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەن. نۆۋەتتە دېڭىز يولىنى ئاساس قىلىدىغان بۇ لىنىيەدە شاڭخەيدىن سېلىنغان مال ئامستېردام پورتىغا 40-45 كۈن ئەتراپىدا يېتىپ بارىدىكەن. ئىككى-ئۈچ يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ياۋروپا بازىرىغا توشۇلىدىغان ماللار تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئوتتۇرا كارىدور» لىنىيەسى ئارقىلىق يۆتكىلىدىغان بولۇپ، شاڭخەيدىن يوللانغان ماللارنىڭ تۈركىيەگە، بۇ جايدىن يۈك ماشىنىلىرى ئارقىلىق ئامستېردامغا بېرىپ بولۇشىغا 11 كۈن كەتكەن. ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ بۇ خىل «ئوتتۇرا كارىدور» نى كېرەك قىلماستىن بىۋاسىتە ھالدا ئۆزلىرى مۇستەقىل مال توشۇشى تۈركىيەنىڭ تاشقى ئېكسپورت لىنىيەسى ئۈچۈن ئېغىر خىرىس پەيدا قىلغان. نائىل ئولپاك مۇشۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ، «ئەگەر خىتاي ھازىرقى مال توشۇش سۈرئىتىنى سەككىز كۈنگە چۈشۈرەلىسە، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ كوزىرى بولغان مال توشۇش ساھەسى تۈگىشىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارقىلىق مال توشۇش لىنىيەسىدە قاتنايدىغان يۈك ماشىنىلىرى ياۋروپا بازىرىغا كېرەكلىك ماللارنى توشۇپلا قالماستىن، قايتىشىدا يەنە ياۋروپادىن يوللىنىدىغان ماللارنى ئېلىپ قايتىدىكەن. بۇنداق بولغاندا تۈركىيەنىڭ تاشقى ئېكسپورت ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان «لوق گۆش» لىرىمۇ توزۇپ كېتىدىكەن.