بېرمۇدا باش مىنىستىرى مۇھەممەت ئابدۇقادىرنىڭ چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.03.03

بېرمۇدا باش مىنىستىرى مايكېل دانكلېي، 5 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر مۇھەممەت ئابدۇقادىرنىڭ چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىغا قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ پاسپورت مەسىلىسى بېرمۇدا ۋالىسى ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بېرمۇدا «رويال گېزىتى» نىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مايكېل دانكلېي ئۆزىنىڭ بېرمۇدا ۋالىي مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇھەممەت ئابدىۇقادىرنىڭ پاسپورت مەسىلىسىنى كۆرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇھەممەت ئابدۇقادىرنىڭ دادىسى، سابىق گۇەنتانامو تۇتقۇنى ئابدۇللا ئابدۇقادىر 2009‏-يىلى گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، برىتانىيەنىڭ باھاما رايونىدىكى مۇستەملىكىسى-بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ يىل 5 ياشلىق مۇھەممەت ئابدۇقادىر بېرمۇدادا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەتەنداشلىق مەسىلىسى ھازىرغا قەدىر ھەل بولمىغان. مايكېل دانكلېي «رويال گېزىتى»گە بەرگەن باياناتىدا، «بىز بېرمۇدادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە پاراۋانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىمىز. ئەگەر بىر بالا ئاغرىپ قېلىپ، داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش بىر ئىنساندارچىلىق بۇرچى. تەبىئىيكى، بىز بىر كىشى ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنىڭ ئېھتىياجلىق داۋالىنىشقا ئېرىشىشىگە تېگىشلىك ياردەمنى قىلىمىز» دېگەن.

بىراق مايكېل دانكلېي، بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ قارار قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ۋالىي مەھكىمىسى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېرمۇدا «رويال گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېرمۇدا ۋالىي مەھكىمىسى ئۇلارغا بۇ مەسىلىنىڭ ھازىر برىتانىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما برىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىگە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.