بلىنكېن: «خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى ئەمەس»

2021.05.03

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 2-ماي ئامېركادىكى CBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «60 مىنۇت» ناملىق پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ مەسىلىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. بلىنكېننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بايدېن ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تاشقىي سىياسەت رىقابەتچىسى بولۇپ، ئۇ قانۇن تۈزۈم ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە تەھدىت سالماقتا ئىكەن.

بلىنكېن مۇنداق دىگەن: «بۇ تەرتىپكە خرىس قىلغان ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى كۆرگىنىمىزدە، بىز بۇ توغرىسىدا بىر ئىش قىلىمىز. بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ بۇ سىستېمىنى قوغدايمىز.»

بلىنكېن مۇخبىرنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئالياسكادا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەندە، ياڭ جيېچىنىڭ ئامېرىكانى خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئامېرىكانىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى سوراققا تارتقانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ، «شىنجاڭ» نىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

بلىنكېن مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە، ياق، بۇلار ئۇنىڭ (ئىچكىي ئىشلىرى) ئەمەس. خىتاي خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويۇپ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا جىددىي ۋەدىلەرنى بەرگەن. ئۇ ئ‍ۆزىنىڭ بۇ ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلماقتا،» دېگەن.

ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئ‍ىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۇغماس قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق… بىز يەنە ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ يۇيۇلغانلىقى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە نىشان بولغانلىقىنى كۆردۇق،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.