ئانتونىي بىلىنكېن:«ئاۋسترالىيەنى يالغۇز قويمايمىز!»

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەگە سىڭىپ كىرىشى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ ئاۋسترالىيەنى «قىينىماقچى» بولغانىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 13-ماي كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆز قىلىپ «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىملىرى ئالدىدا ئامېرىكا ھەرگىزمۇ ئاۋسترالىيەنى يالغۇز قويمايدۇ» دېدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئانتونىي بىلىنكېن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي كوزىر ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىنى «قىسماققا ئالماقچى» ھەمدە ئۇنى بوزەك قىلماقچى بولۇشتەك قىلمىشىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇشتىن باشقا رولى بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقى» بەرپا قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى زومىگەرلىكىنى چەكلەش سىياسىتى بىلەن بىر مەۋقەدىن چىققان، دەپ قارالماقتىكەن.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ G5 تېخنىكىسىنى ئاشكارا مەنئىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى يەنە تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلاردىن نارازى بولۇپ ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنى بىكار قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئاۋسترالىيەنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنىدى. ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىسا پاينې خانىممۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھېچقاچان مۇرەسسە قىلمايمىز» دېگەن.