ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى 26 ماي ئېلان قىلغان خىتاي سىياسىتى ھەققىدىكى نۇتۇقىدا ئۇتتۇرغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى سەۋەبىدىن تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا تاشلانغان شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلارغا قارشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.»

بلىنكېننىڭ مەزكۇر نۇتۇقى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى نىشانىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم نۇتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتۇقىدا يەنە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا، يەرشارى كېلىمات مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدىكى مەيدانىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.