ئانتونىي بىلىنكىن ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.05.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى شەرھىلەپ سۆزلىگەن مۇھىم نۇتۇقىدا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى سەۋەبىدىن تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا تاشلانغان شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلارغا قارشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن بۈگۈن يەنى 26-ماي كۈنى ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن جورجى ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتىتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ بۇ نۇتۇقىدا خىتاينى «خەلقئارا تەرتىپ دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەتچى» دەپ سۈپەتلىگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە تېخنىكا كۈچىگە ئىگە بولغان ۋە شۇنداقلا ھەم خەلقئارا تەرتىپنى قايتا قۇرۇش نىيىتى بولغان بىردىنبىر دۆلەت. بېيجىڭنىڭ تەسەۋۋۇرى بىزنى ئۆتكەن 75 يىل مابەينىدە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ساقلاپ كەلگەن ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشى مۇمكىن.»

ئانتونىي بىلىنكىن سۆزىدە يەنە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەتنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىنى بىز كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدە سىنۋاتىدۇ،» دېگەن.

بىراق ئانتونىي بىلىنكىن ئامېرىكانىڭ بۇ رىقابەتتە ئىشەنچكە تولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ: «بىز تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغدايدىغان، شەخسلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان خەلقئارا قانۇن، كېلىشىم، پرىنسىپ ۋە ئورگانلارنى قوغدايمىز ۋە كۈچەيتىمىز،» دېگەن.

بىلىنكىن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى «مەبلەغ سېلىش، ماسلاشتۇرۇش، رىقابەتلىشىش» تىن ئىبارەت ئۈچ سۆز بىلەن يىغىنچاقلىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكانىڭ بۇندىن كېيىن رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە دېموكراتىيەگە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇنىڭدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ ئاسىيا سەپىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ «4 دۆلەت ھەمكارلىقى»، ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي رامكىسى (IPEF) نى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

بىلىنكېننىڭ مەزكۇر نۇتۇقى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى نىشانىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم نۇتۇق بولۇپ، ئۇ بۇ نۇتقىدا يەنە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوچۇقلۇقى، تەيۋەن مەسىلىسى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، تور بىخەتەرلىكى، 5G تېخنىكاسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە كېلىمات قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئامېرىكانىڭ مەيدانىنى شەرھىيلەپ ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت