بلىنكېن كېلەر يىلنىڭ باشلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە يوللىرىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.11.17

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 17-نويابىر تايلاند پايتەختى بانكوكتا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ كېلەر يىلنىڭ باشلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى، زىيارەت مەقسىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى نورمال ئالاقە يوللىرىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بلېنكىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ زىيارەتتە بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى پرېزىدېنت بايدېن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىدىكەن. لېكىن بلىنكېن كونكىرېت قانداق مەسىلىلەرنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. پرېزىدېنت بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ 14-نويابىر كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى ئەسناسىدا كۆرۈشۈپ، 3 سائەت سۆزلەشكەن.

ئاقساراي سۆھبەتتە پرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان «مەجىۇرلاش» ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىققانلىقى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بلىنكېن 17-نويابىر بانكوكتا باشلانغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، زىيارىتىنىڭ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشكەندە سۆزلەشكەن مەسىلىلەرگە، شۇنداقلا ساغلاملىق بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە باشقا دۇنياۋى مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بلىنكېن مۇنداق دېگەن: «بىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشىمىز ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك... بۇ بىزنىڭ مۇناسىۋەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ، رىقابەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز، ئۇنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىمىز ئۈچۈن زۆرۈر.»

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشكەندە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەردىكى سۆھبەتنى قايتا باشلاش، تەيۋەن مەسىلىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان، شۇنداقلا بلىنكېننىڭ يېڭى يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلغان ئىكەن. ئەگەر بلىنكېننىڭ زىيارىتى ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۇ 2018-يىلى سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ زىيارىتىدىن بېرى خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى بولۇپ قالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.