پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي سەپىرىگە بولغان ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاي سەپىرىگە مېڭىش ئالدىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇقراۋى جەمئىيەتلەردىن 50 نەچچە تەشكىلات ئۆز تەلەپلىرىنى بىرلەشمە مەكتۇپ شەكلىدە يوللىدى. بىلىنكېنغا ئەۋەتىلگەن مەكتۇپتا ئۇلار بىلىنكېننى خىتاي سەپىرى جەريانىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.

مەكتۇپتا ھەرقايسى تەشكىلاتلار خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، سىياسىي ئۆكتىچىلەر، دىنىي زاتلار ۋە خىتاي بولمىغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇ قاتاردا «بىز مىنىستىر جانابلىرىغا شۇنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىزكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئازاب چېكىۋاتىدۇ ھەمدە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن مەلۇم بولغان تۈرلۈك ھۆججەتلەر بۇ قاباھەتنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى بەكمۇ ئاشكارا نامايان قىلماقتا. بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ھازىر بۇ خىل قاباھەتنىڭ دەردىنى تارتماقتا» دېيىلگەن. شۇ قاتاردا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن گۈلشەن ئابباس، قۇربان مامۇت، ئەخمەتجان جۈمە قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەكتۇپتا يەنە خىتاي ئۆكتىچىلىرى، تىبەت سىياسىي مەھبۇسلىرى، خوڭكوڭ دېموكراتلىرىنىڭ قىسمەتلىرىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق نۆۋەتتە خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرى پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشقا باشلىغانلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا داۋاملىق تۈردە خىتاي بىلەن سودا قىلىشنىڭ زادىلا ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىنىپ: «بىز سىزدىن لاگېرلارنى تاقاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىش ۋە بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلسىكەن، دەيمىز» دېيىلدى.

مەزكۇر ئوچۇق مەكتۇپقا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، بوستون ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ئىمزا قويغان.