ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن پولىنېزىيە ئارال دۆلىتى تونگانى زىيارەت قىلغان كۈنلىرىدە خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك ھەرىكىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاخبارات تورى بولغان «تۆپىلىك» (The Hill) تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىلىنكېن تونگادا زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا خىتاينىڭ دۇنيادا مەسىلە پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز كۆرۈۋاتقان بىر ئىش شۇكى، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تەڭ مەسىلە پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلىرىمۇ كۆپەيمەكتە» دېگەن. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە خىتاينىڭ دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرى، باشقا دۆلەتلەرنى تالان-تاراج قىلىش شەكلىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى ھەمدە ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى چىرىكلەشتۈرىدىغان مەبلەغ سېلىش ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، كۈتكەندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى.
ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىملىق تونگا زىيارىتى خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە كۈچەيتىۋاتقان تەسىرىنى تىزگىنلەش ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئانتونى بىلىنكېن تونگا باش مىنىستىرى سوۋالېنى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ تونگانى قانچىلىك قەرزگە بوغۇپ قويغانلىقىنى سورىغان، سوۋالېنى خىتاينىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن كىلىمات كرىزىسى، مائارىپ ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.