بوستوندىكى پارتلاش ۋەقەسى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش داۋام قىلماقتا
2013.04.18
بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بوستون شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ15-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئۇ ئامېرىكا ساقچى ئورگانلىرىنىڭ بۇ تېررور ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان جاۋابكارنى تېپىپ چىقىپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىش نىيىتىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكىدا بوستوندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئىزدەش خىزمىتى جىددىي داۋام قىلماقتا. ھازىر دائىرىلەر شۇ جايدىكى ئورۇنلارنىڭ كامېراسىغا چۈشۈپ قالغان كۆرۈنۈشلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جىنايەتچىنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەپ چىقىشقا تىرىشماقتا.
س ن ن تېلېۋىزىيىسى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئىككى كىشىنىڭ قولىدا خالتا كۆتۈرۈپ كېلىپ نەق مەيدانغا تاشلاپ قويۇپ ئايرىلغانلىقىدەك بىر كۆرۈنۈشنىڭ شۇ جايدىكى بىر كىيىم دۇكىنىنىڭ كامېراسىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ھازىر بۇ ئىككى كىشىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بوستوندىكى خەلقئارا ماراتونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدا ئارقا-ئارقىلاپ يۈز بەرگەن ئىككى پارتلاشتا ھازىرغىچە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 178 كىشى يارىلاندى.