ئامېرىكىنىڭ پ ب س (PBS) تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر پارچە پروگرامما ئىشلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ زامانىۋىي دەۋردىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
پروگراممىدا نۇقتىلىق نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شاھىتلىرىنىڭ شەخسى ۋە ئائىلە كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ كۆلىمى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
پروگراممىدا تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق گۈلباھار جېلىلوۋا، ئابدۇسالام مۇھەممەت، يۈسۈپ سۇلايمان، ياسىن زۇنۇن، ئابلىز ئابلىكىم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە كەڭ يەر بېرىلگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ياسىن زۇنۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر مۇھاجىر «ئۇلار بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى رەت قىلىپ، ئاياللىرىمىزنى نىشانغا ئالماقتا ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقتا» دېگەن.
خەۋەردە، شاھىتلار ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىللەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھەرىكىتى ئاقلاپ، بۇ لاگېرلارنى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» دەپ تەرىپلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى سۇ گې ئۇيغۇر شاھىتلىرىنى مەلۇم سەۋەبلەر ياكى پۇل ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلار، دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر رايونىدا ئاز دېگەندە 85 يەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىكەن.
خەۋەردە، بۇ لاگېرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەر قۇرۇلغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.