ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىنىدىغان CATL شىركىتىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.08.29

ئامېرىكانىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون مۇللىنىر (Rep. John Moolenaar) خىتاينىڭ CATL، يەنى «نىڭدې يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» نى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سودا قارا تىزىملىكىگە قوشۇشنى تەلەپ قىلغان.

مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىنغا ئەۋەتكەن ئوچۇق خېتىدىن قارىغاندا، يۇقىرىقى بۇ شىركەت خىتايدىكى ئاساسلىق باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

مەجلىس ئەزالىرى ماركو رۇبىيو ۋە جون مۇللىنىر خېتىدە، خىتاي ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولغان بۇ شىركەتنى قارا تىزىملىككە ئېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن توختاملىشىشى، شۇنداقلا يەنىمۇ كۆپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ ئالدى ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ دۇك ئېنېرگىيە (Duke Energy) شىركىتى خىتاينىڭ «نىڭدې يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان باتارېيەلەرنى ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش بازىسىنىڭ بىرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىشلەتمەكچى بولغان، بىراق ئۇلار بۇ پىلانىنى 2-ئايدا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرغان ئىكەن.

ماركو رۇبىيو ۋە جون مۇللىنىر ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرىقى بۇ خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2-ئايدا خىتاينىڭ كومپيۇتېر ئۆزىكى، سۈنئىي ئەقىل، كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلىرىگە تاقىشىدىغان ئونغا يېقىن شىركىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ قارا تىزىملىككە ئالغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، «نىڭدې يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «كونترول قىلىنمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.