يېڭىسار ناھىيەسى چاغان ھارپىسىدا كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.31

يېڭى ناھىيەسى يېقىندا 16 ماددىلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاتالمىش «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» گە قارشى ئومۇمىي يۈزلۈك تازىلاش ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

ئۇقتۇرۇشتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ كىشىلەر دەرھال ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يېنىك بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى، قاچقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە دوست-يارەنلىرىنىڭ ئۇلار قايىل قىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇقتۇرۇشتا، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ چاغان ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلىشىنى دىققەت قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇقتۇرۇشتا بۇ ھەرىكەتنىڭ «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» گە قارىتىلغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى تازىلاش نىشانىنىڭ «قارا گۇرۇھ»، «رەزىل كۈچلەر» بىلەن كۆپ ئالاقىسى يوق ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە خىتاينىڭ 3 مىليوندەك گۇناھسىز ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ قوزغىغان بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى لاگېر سىرتىدا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئېتنىك تازىلاش» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. يېڭىسار ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تازىلاش ھەرىكىتى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلار ھەم جەمەتلەر، ئاساسى قاتلامغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئۇنى مونوپول قىلىۋالغانلار، يۇرتداشلىق، تۇغقانچىلىق، دىنداشلىق رىشتىسى بويىچە گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغانلار، ئائىلە ۋە دىنىي تەسىرىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق قىلغانلار، يەر تەقسىماتى، يەر ئىجارىگە بېرىش، ئۆي چېقىش ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار، بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار»، چەتئەلدىكى «قارا گۇرۇھ ۋە رەزىل كۈچلەر» بىلەن ئالاقىسى بارلار، باشقىلارنى ئەرز قىلىشقا قۇتراتقانلار، قانۇنسىز پۇل توپلىغانلار قاتارلىقلارنى نىشان قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.