خىتاي چاقىلىق بىلەن لوپنۇر بازىرى ئارىسىغا تۆمۈريول ياتقۇزۇش مۇمكىنچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلغان
2023.05.02
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى يىغىن چاقىرىپ، چاقىلىق ناھىيەسى بىلەن لوپنۇر كۆلى ئەتراپىغا جايلاشقان لوپنۇر بازىرى ئارىسىدا تۆمۈريول ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشسە، چاقىلىق ناھىيەسى بىلەن قومۇل شەھىرى تۆمۈريول ئارقىلىق رەسمىي باغلىنىدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، چاقىلىق-لوپنۇر بازىرى تۆمۈريولى خىتاينىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن 2023-يىلدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لوپنۇر-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 299.8 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ لوپنۇر بازىرىدىن مىرەنگىچە بولغان مۇساپىسى 238.9 كىلومېتىر، مىرەندىن چاقىلىققىچە بولغان مۇساپىسى 60.9 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئىلگىرى خىتاينىڭ قۇمۇل بىلەن لوپنۇر بازىرىنى تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمدى بۇ تۆمۈريولنى لوپنۇر بازىرىدىن چاقىلىققا تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاينىڭ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى لوپنۇر ۋادىسىدىن ئىبارەت بۇ بىپايان چۆللۈك رايونىغا تۆمۈريول ياتقۇزۇشى سوئال پەيدا قىلماقتىكەن.
چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، كالىي تۇزى، لىتېي قاتارلىق ئاپتوموبىل ۋە يانفون مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان قىممەتلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ لوپنۇر ئەتراپىغا جايلاشقانلىقى مەلۇم. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، لوپنۇر-چاقىلىق تۆمۈر يولى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى، غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيەسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى ئىكەن. خىتاي بۇنىڭ ئالدىدا چاقىلىق بىلەن كورلانى، ۋە چاقىلىق بىلەن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇد شەھىرىنى تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتاشتۇرغان ئىدى.