ئىلى ئوبلاستى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن 30 تۈرلۈك چارە-تەدبىرنى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، جايلاردا ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بويىچە كەڭ كۆلەمدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە باشلىغان.

13-ئاپرېل كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خۋاڭ سەنپىڭ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلى ئوبلاستىدا 30 تۈرلۈك چارە-تەدبىرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئوبلاستىدا يولغا قويۇلماقچى بولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» غا دائىر 30 تۈرلۈك چارە-تەدبىرنىڭ 23 ئى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېكىتكەن تەدبىرلەر بىلەن بىردەك ئىكەن. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى 7 تۈرلۈك چارە-تەدبىر پەقەتلا ئىلى ئوبلاستىغا خاس تەدبىرلەر ئىكەن. مىللەتلەر ۋە دىنغا دائىر تۈرلۈك ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرۇش، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ-ئادەت كوچىلىرى بىلەن كەنتلىرىنى بەرپا قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئىلى ئوبلاستى يولغا قويماقچى بولغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا دائىر 30 تۈرلۈك چارە-تەدبىر، دائىرىلەرنىڭ رايوندا ئالدى بىلەن يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت قوللىنىپ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئارقىدىن ئۇنىڭغا مەلھەم سۈركىمەكچى بولغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.