چېن چۇەنگو «خىتاي مەركىزىي يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن
2022.06.15
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۇەنگو خىتاي «مەركىزىي يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى سۈپىتىدە شۇ كۈنى چاقىرىلغان مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە سۆز قىلغان.
«يېڭى ئېرا» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چېن چۇەنگو بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن بولۇپ، خىتاي «مەركىزىي يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ بىرىنچى قول باشلىقى نۆۋەتتە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنستىرى بولۇۋاتقان خۇ چۈنخۇا ئىكەن. چېن چۇەنگونىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىسى ھەققىدە سۆز قىلغان خىتاي زىيالىسى خۇ پىڭ: «بۇنىڭدىن قارىغاندا، چېن چۇەنگو 2022-يىلىنىڭ ئاخىرى چاقىرىلىدىغان 22-قۇرۇلتايدا خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئالالماسلىقى مۇمكىن،» دېگەن.
«ئىككى قولى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن بويالغان جاللات» دەپ قارىلىۋاتقان چېن چۇەنگو 2021-يىلى دېكابىردا بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قايسى ئورۇنغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى بىر سىر بولۇپ كەلگەن ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئىسمى خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئۆچكەن چېن چۈەنگونىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارغان يوقۇرى بېسىملىق دۆلەت تېرورلۇقىنىڭ ئىجراچىسى بولغان چېن چۈەنگونىڭ خىتاي مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلىپ، «مەركىزىي يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دىن ئىبارەت يېزا-ئىگىلىكىگە دائىر بىر ئورۇننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قىلىپ قويۇلۇشى، كىشىلەرگە ئەينى ۋاقىتتا «شىنجاڭ پادىشاھى» دەپ ئاتالغان جاللات شېڭ شىسەينىڭ 1944-يىلى 9-ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چوڭچىڭغا ئېلىپ كېتىلىپ، دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستېرى قىلىپ قويۇلغانلىقىنى ئەسلەتمەكتە.