ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن خىتاينىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن يوغان قارا خەت بىلەن «چېقىلىدۇ» دېگەن خەتنى يېزىپ قويۇلغاندىن كېيىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا ئوخشاش ۋەقە يەنە خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسدىمۇ يۈز بەردى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتلەرنى «قۇش ھەرىكىتى» دەيدىغان دېموكرات خىتاي تەشكىلاتى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا، ئەرزدارلارنىڭ مەسىلىسىگە تارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر خەۋەر خىتاي ئىچىدىكى خەۋەر تورلىرىدىمۇ تارقىلىپ كەڭ ئىنكاس قوزغىغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان يەرشارى ۋاقتى گېزىتى بولسا چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.
خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە «ھۆكۈمەتنىڭ يەرلەرنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش سىياسىتى خەلقنى نارازى قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە »دەپ كۆرسەتكەن. ستاتىستىكىلاردىن قارىغاندا خىتايدىكى 43 پىرسەنت دېھقاننىڭ يېرى دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان. ھەر يىلى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ 65 پىرسەنتى دەل مۇشۇنداق يەر تارتىۋېلىش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.
