«شىڭداۋ» گېزىتىنىڭ ئامېرىكا ئىشخانىسى «چەت ئەل ۋاكالەتچىسى» قىلىپ بېكىتىلگەن

ئامېرىكا خىتاينىڭ «شىڭداۋ» ناملىق گېزىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ئىشخانىسىنى «چەت ئەل ۋاكالەتچىسى» دەپ بېكىتكەن.

«ئاكسىيوس» گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئادالەت مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتە «چەت ئەل ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش قانۇنى» غا ئاساسەن «شىڭداۋ» گېزىتىنىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرىنى «چەت دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى» دەپ باھالىغان ئىكەن.

«شىڭداۋ» گېزىتى بۇنى ئىنكار قىلىپ، گېزىتنىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىلىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«شىڭداۋ» گېزىتى خوڭكوڭدا خىتاي تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان ئەڭ كونا گېزىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ گېزىتنىڭ كۆپ قىسىم پايچېكىنى بۇ يىل 6-ئايدا خىتايدىكى بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتى خوجايىنىنىڭ قىزى سېتىۋالغان ئىكەن. «شىڭداۋ» گېزىتىنىڭ نيۇ-يورك، لوس-ئانژېلېس ۋە سان-فىرانسىسكودا مەخسۇس ئىشخانىلىرى ۋە كالىفورنىيەنىڭ بۇرلىنگامغا جايلاشقان رادىيو ئىستانسىسى بار ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بايقىشىچە، «شىڭداۋ» گېزىتىنىڭ ئامېرىكادا تارقىتىلىدىغان گېزىت ۋە رادىيولىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىتاينىڭ «يۇلتۇز مەھسۇلاتلىرى» (Star Production) چەكلىك شىركىتىدىن سېتىۋېلىنغان مەزمۇنلار ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيىسى تورى قاتارلىق 5 ئاخبارات ئورگىنىنى «چەت ئەل ۋاكالەتخانىسى» دەپ بېكىتكەن ئىدى. ئارقىدىن يەنە خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى، خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى، «خەلق گېزىتى» ۋە «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق 4 ئورگاننىمۇ «چەت ئەل ۋاكالەتخانىسى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.