موڭغۇلىيە چىڭگىزخاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مىللىي ئىپتىخار بايرىمى قىلىپ بېكىتتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-10-09
Share

ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلەر تورىنىڭ يېزىشىچە، موڭغۇلىيە پارلامېنتى بۇ يىل 31 - ئۆكتەبىر كۈنىنى، يەنى چىڭگىزخاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مىللىي ئىپتىخار كۈنى سۈپىتىدە بايرام قىلىپ،پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر كۈن دەم ئېلىش قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.

مەزكۇر بايرام، يەنى مىللىي ئىپتىخار بايرىمى كۈنى 2012 - يىلى، چىڭگىزخان تۇغۇلغانلىقىنىڭ 850 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى موڭغۇللارنىڭ ئاي كالېندارى بويىچە، قىش ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن. ئۆتكەن يىلى، بۇ كۈن 12 - نويابىرغا توغرا كەلگەن ئىدى.

چىڭگىزخاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلانغان مىللىي ئىپتىخار بايرىمى كۈنىدە موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلان باتوردىكى چىڭگىزخان مەيدانىغا تىكلەنگەن چىڭگىزخان ھەيكىلى ئالدىدا تۈرلۈك تارىخى ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر ۋە دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ كۈنى يەنە دۆلەت ئۈچۈن ھەسسە قوشقان شەخسلەرگە چىڭگىزخان ئوردېنى تەقدىم قىلىنىدىكەن.

چىڭگىزخان 1206 - يىلى موڭغۇل دۆلىتىنى رەسمىي قۇرغان بولۇپ، كېيىن بۇ دۆلەت تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان ئىدى. ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، چىڭگىزخاننى موڭغۇل دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى قىلىپ بېكىتىشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. ئەمما، سوۋېت دەۋرىدە رۇسىيە تارىخچىلىرى چىڭگىزخاننى قىرغىنچىلىق قىلغۇچى ۋە ئىشغالچى سۈپىتىدە بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىمۇ شۇنداق پوزىتسىيە تۇتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت