ئۇيغۇر رايونىدا يەنە ئىككى نەپەر كومپارتىيە سېكرىتارى چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن جازالاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.02.26

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خوتەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ۋە دېلو تۇرغۇزۇش ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار كەڭ تارقىلىپ، تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقاندا، 25-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي كادىرنىڭ چىرىكلىك ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن، ئۇلار ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

«شىنجاڭ ئۇچۇر تورى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلارنىڭ بىرى تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى ۋە پارتىيە گۇرۇپپا سېكرىتارى جاڭ ۋېنچياڭ بولۇپ، ئۇنىڭ«تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغانلىقى، تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش جەريانىدا باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەم باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قوبۇل قىلغانلىق» قىلمىشلىرى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر نەپەر خىتاي كادىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق چارلاش-ئېچىش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرىتارى ھەم ئىدارە باشلىقى زېڭ شياۋگاڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا چىرىكلىك جىنايىتى ئارتىلغان، يەنى ئۇنىڭ خۇسۇسىي ئارامگاھلارغا كىرگەنلىكى، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغانلىقى، خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالغانلىقى ۋە ئاممىنىڭ مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى شۇنىڭدەك «بىنورمال جىنسىي ئالاقىلەردە بولغانلىقى» قاتارلىق جىنايەتلىرى كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.