ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يەنە ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار جازالاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.11.03


3 - نويابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ ميەنخېڭ، ئىچكى موڭغۇل جامائەت خەۋەپسىزلىك نازارىتى ئىشخانا مۇدىرى لى ۋېنلى قاتارلىق 22 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىنتىزامنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغىنى ئۈچۈن، بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 3 - نويابىر سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى، ئىشخانا مۇدىرى جاۋ گومىڭنىڭ «چوڭ ئىشلاردا مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇلغان» لىقى خەۋەر قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا، دۈشەنبە كۈنى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاۋ شىنۋېي ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ جازالىنىشى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، باش مۇھەررىرى ھەم مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ شىنۋېينىڭ بارلىق ئەمەللىرىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، كومپارتىيەدىن چىقىرىلغانلىقىنى ۋە قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.