خىتاي مۇتەخەسسىسىنىڭ چۈمبەل ئۇسۇلى ھەققىدىكى قارىشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى
2013.04.12
«تەڭرى تاغ» تورىنىڭ سابىق مۇھەررىرى ۋاڭ داخاۋ يېقىندا ماقالە يېزىپ، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت پروگراممىسىدا چۈمبەل ئۇسۇلىنى سەھنىگە ئېلىپ چىققانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
«ئۇيغۇربىز تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ داخاۋ چۈمبەل ئۇسۇلىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «ھۆسنى جامالىنى جەۋلان قىلىپ؛ سۇمبۇل چاچلىرىنى نامايان قىلىش» ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، چۈمبەل مەسىلىسى دىنىي ئەسەبىيلىككە مۇھىت يارىتىش، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرۇش، 3 خىل كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇشتىكى ۋاسىتىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
بىراق ۋاڭنىڭ پىكرى خىتاي مىكروبلوگىدا مۇنازىرە قوزغاپ، دەرھال تەنقىدكە ئۇچرىدى.
توردىكى بىر پىكىردە، ۋاڭ داخاۋ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئەسەبىي ئىدىيە ۋە سىياسەت شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ باش جاۋابكارى، دەپ كۆرسىتىلگەن.
يەنە بىر پىكىردە، بۇ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقى، بولۇپمۇ، ۋاڭ داخاۋغا ئوخشاش ئەدىب ۋە مۇخبىرلارنىڭ، چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ خاتالىقى، دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى رادىكال ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ رومال، چۈمبەل ئارتىشىنى، ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىنى چەكلىگەن.
چۈمبەل ئارتقان، ساقال قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشىنى، دوختۇرخانىغا كىرىشىنى رەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.