خوڭكوڭدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋام قىلماقتا
2019.07.29
خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ خىتايغا «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسى» پەيدا قىلغان ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋام قىلماقتا.
27-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭنىڭ يۈەنلاڭ بېكىتىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پارتلىغاندىن كېيىن، 28-ئىيۇل كۈنى نەچچە ئون مىڭلىغان خوڭكوڭلۇق داۋاملىق نامايىش قىلىپ، ساقچىلارنىڭ پۇقرالارغا قورال ئىشلەتكەنلىكى، «ھۆكۈمەتنىڭ قارا جەمئىيەتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى» گە نارازىلىق بىلدۈرگەن. لېكىن نارازىلىق نامايىشى يەنە توقۇنۇشقا ئايلانغان.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشتا 49 نامايىشچى تۇتقۇن قىلىنغان. شۇ كۈنىدىكى نامايىشتا نامايىشچىلار بىر قانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى خوڭكوڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىقى بىلدۈرگەن. يەنە بىر قىسىم نامايىشچىلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ ئالاقىلىشىش ئورنىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان. لېكىن نامايىش خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ مۇداخىلىسىغا ئۇچراپ، نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان. يەكشەنبە كۈنكى توقۇنۇش كېچە سائەت 11 گە قەدەر داۋاملاشقان. نۆۋەتتە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىشى 8-ھەپتىسىگە قەدەم قويغان.
خوڭكوڭدا 8 ھەپتىدىن بېرى ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا يۈزمىڭلىغان، ھەتتا مىليونلىغان خوڭكوڭ پۇقراسى نامايىش قىلىپ، «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسى» نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى قانۇن لايىھىسىنى پارلامېنتقا سۇنۇشنى ۋاقىتلىق توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى. خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ خوڭكوڭ-ماكاۋ ئىشخانىسى 29-ئىيۇل كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، خوڭكوڭ ۋالىيسى لىن جېنيۆنىڭ نامايىشچىلارغا تۇتقان قاتتىققول سىياسىتىنى ۋە ساقچىلارنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاخبارات يىغىنىدا خوڭكوڭنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى، چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خوڭكوڭ توڭلىۋەن كىتابخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى لىن روڭجى رادىيويىمىزنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە بېيجىڭنىڭ لىن جېنيۆنى داۋاملىق قوللىشىنىڭ توقۇنۇشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.