كرىستوفىر سىمىس: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولمىسا، نېمە ئىرقىي قىرغىنچىلىقچىلىق بولىدۇ؟»

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ قىلمىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولمىسا، يەنە نېمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېيىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 5-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، كرىستوفىر سىمىس «شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي «ئۇيغۇررلارنى ئىزچىل كەمسىتىپ كەلمەكتىكەن».

ئۇ يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكاغا كېلىپ تۇنجى قېتىم ئۆزىگە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ قالتىس جەسۇر ئايال ئىكەنلىكى، ھازىر ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىغا قارىسىڭىز ئۇنىڭدا بىر مىللەت، بىر ئىرق ۋە دىننى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىرىدۇ. ئۇلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىغا چۈسمىسە يەنە نېمە ئىرقىي رىغىنچىلق ھېسابلىنىدۇ؟» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ مەسىلىگە قارىتا قاتتىق ھەرىكەت قوللنىشىنى كېرەك» ئىكەن.

كرىستوفىر سىمىس يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىئى ئەمگىكى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، دۇنيا پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 22 % نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىرىلىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ چىقارغان قانۇنى بۇنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسى گۇلاگ ياكى قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ رايوندا ئىشلەپچىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى بىردەك چەكلىنىشى كېرەك ئىكەن. كرىستوفىر سىمىس يېقىنقى 20 نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ، ئۇ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى.