دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئوق ئېتىپ باستۇرۇلدى
2013.07.09
6-ئىيۇل تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ 78 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. بۇ كۈنى كۆپلىگەن تىبەتلەر رايونلىرىدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان گەنزى ئوبلاستى داۋفۇ ناھىيىسىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىپ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.
مەركىزى ھىندىستاندىكى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەر تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ 78 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان كۈندە، سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى تىبەت ئوبلاستى داۋفۇ ناھىيىسىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ساقچىلار ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، ئاز دېگەندە 7-8 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىدىكى خەلقئارا تىبەت ياردەم جەمئىيىتىنىڭ 9-ئىيۇل كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار داۋفۇ ناھىيىسىدىكى تىبەتلەر تەبرىكلەش پائالىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان جايغا بېسىپ كەلگەن ۋە ئالدىنالا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋالدا ئاممىغا قارىتىپ كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ئوق ئاتقان. ئىككى نەپەر تىبەت راھىبىنىڭ بېشىغا ئوق تەككەن، يەنە بىرقانچە تىبەتلىك يارىلانغان.