دالاي لاما نەزەربەنتتىكى ياش بەنچەن لامانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما شەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىلدىن بۇيان نەزەربەنتتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ياش بەنچەن لامانىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇمكى، ئۆتكەن ھەپتە تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى تۇيۇقسىزلا بايانات بېرىپ، 11-ئەۋلاد بەنچەن لامانىڭ «نورمال ياشاۋاتقانلىقى» ۋە «مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقانلىقى» نى تىلغا ئالغان ئىلدى.

دالاي لاما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزەربەنتتىكى بەنچەن لاما ھەققىدە بەرگەن باياناتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى «يەنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈش زۆرۈر،» دېگەن.

1995-يىلى تىبەت بۇددىزمىنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن نىيىمانى 11-ئەۋلاد بەنچەن لامالىققا تەيىنلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن. شۇندىن بۇيان 20 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ياش بەنچەن لاما ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا بىر تىبەتلىك بالىنى «11-ئەۋلاد بەنچەن لاما» دەپ ئېلان قىلغان.