خىتاي ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.19

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن، يەنى 19-سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى غەزەپلىك بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي تەرەپ ئىنتايىن جىددىي سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى، دالاي لامانىڭ ستراسبۇرگدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن دۇنيادىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق ئىقتىسادىي زور كۈچ - خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىگە زەرەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

دالاي لاما ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ستراسبۇرگدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ياۋروپا پارلامېنتىنى تىبەت مەسىلىسى بويىچە خىتايغا قارىتا بېسىم ۋە «تەنقىد» ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ خاتا قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. بىز بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز.»

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، دالاي لامانىڭ تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دالاي لاما ۋە باشقا ئۆكتىچىلەرنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىگە بولغان چەكلىمىسىنىڭمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بېيجىڭ دائىرىلىرى ھەتتا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان دالاي لامانى ئۆز ۋاقتىدا يەنە «راھىبلارنىڭ تونىغا ئورىنىۋالغان بۆرە» دەپ ھاقارەتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.