داڭلىق ئارتىست ميا فارروۋ ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.11.24

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى بارغانسېرى كۆپ ساھەگە بىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاۋام پۇقرالارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قارىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلارنى ئەيىبلەش سېپى يېقىندىن بۇيان تەدرىجى شەكىللىنىشكە باشلىدى. ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى بىر قىسىم چولپانلاردىن كېيىن، ھوللىۋۇدنىڭ دۇنياغا داڭلىق كونا ئارتىسى، شۇنىڭدەك كۆپچىلىككە تونۇلغان پائالىيەتچى ميا فارروۋ خانىم 23-كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەت قانداقمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخان بولالىسۇن؟» دېگەن.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىدەك رېئاللىققا قارشى بىر قاتار جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا 2022-يىلىنىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم جازالاش چۇقانلىرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. خەلقئارادا زور ھۆرمەتكە ئىگە ميا فارروۋ خانىمنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ھەر ساھە كىشىلىرىنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن ميا فارروۋ خانىم 1960-يىللىرى ھوللىۋۇد فىلىملىرىدە رول ئېلىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 50 نەچچە فىلىمدە مۇھىم روللارنى ئالغان. ئۇ يەنە رول ئېلىشتىكى ئۆزگىچە تالانتى بىلەن ھوللىۋۇدنىڭ كۆپلىگەن ئالىي مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ئىكەن. كېيىنچە بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئېزگۈ تىلەك ئەلچىسى» بولۇپ سۇدان، ئوتتۇرا ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىچكىي ئۇرۇش مەسىلىلىرىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشقان. 2008-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلى ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە شەخسلەرنىڭ بىرى» دەپ ئېلان قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.