مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرنى DeepSeek نى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان
2025.01.30
سۈنئىي ئەقىل مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ياساپ بازارغا سېلىنغان سۈنئىي ئەقىل مودېلى DeepSeek نىڭ قوللانغۇچىلار كىرگۈزگەن ھەرقانداق ئۇچۇرنى يىغىپ ساقلىيالايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
مۇستەقىل مەسلىھەتچى ۋە ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىنستىتۇتى لوندون سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇكاز ئولېجنىك NBC تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە، كىشىلەرنى DeepSeek سۈنئىي ئەقىل مودېلىنى قوللانغاندا سەزگۈر شەخسىي سانلىق مەلۇماتلار، مالىيە ئۇچۇرلىرى، سودا مەخپىيەتلىكى ياكى ساقلىقنى ساقلاشقا ئائىت ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈشتىن ئېھتىيات قىلىشنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«سىز كىرگۈزگەن ھەر قانداق ئۇچۇرنى خىتاينىڭ سانلىق مەلۇمات قانۇنى بويىچە ساقلاشقا، تەھلىل قىلىشقا ياكى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ».
خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە تور بىخەتەرلىكى قانۇنلىرىغا ئاساسەن، بارلىق شىركەتلەر چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ھۆكۈمەتكە شەرتسىز تاپشۇرۇشى كېرەك. شۇڭا بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىدىكى كىشىلەرنى بۇ ئەپنى قوللىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرغان.
تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى پۇقرالار تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى رون دەيبېرت NBC تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق سەۋەب بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا باغلىنىشى بولغان كىشىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، چەتئەلدە ياشاۋاتقان نىشانلىق كىشىلەر ۋە مۇخبىرلار خىتاينىڭ بۇ سۈنئىي مودېلىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ۋە سىستېمىغا ھەر قانداق نەرسە كىرگۈزۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك».
DeepSeek سۈنئىي ئەقىل مودېلى يەنە، دۇنيادىكى پىكىر ئەركىنلىكىگىمۇ زور تەھدىت، دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىگە ئائىت ھاسىل قىلىنغان جاۋابلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆچۈرۈپ، باشقا تېمىغا يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلىشى CNN تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخباراتلاردىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىندى.
Deep Seek نى ئىشلىتىش شەرتلىرىدە، ئۇنى قوللانغۇچىلارنىڭ قانداق ئۈسكۈنە ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ئۇچۇر كىرگۈزۈش شەكلى ۋە سۈرئىتى قاتارلىق سەزگۈر ئۇچۇرلارنى توپلايدىغانلىقى ۋە ئۇنى ساقلايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.