ئاۋسترالىيە بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «تېرەن تىنتىش» (DeepSeek)سۈنئىي ئەقىل ئەپىنى چەكلىگەن، «تېرەن تىنتىش» ئەپىنىڭ ھۆكۈمەت ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن دەرھال تازىلاپ چىقىرىلىشىنى بۇيرۇغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئىتالىيە، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىن، ئاۋسترالىيەمۇ خىتاينىڭ «تېرەن تىنتىش» ئەپىنى چەكلەش قوشۇنىغا قېتىلغان. ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تونى بۇرك ( Tony Burke) «تېرەن تىنتىش» نى چەكلەش قارارى، ئۇنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى ۋە ئورگانلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى ئاساسىدا چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئاۋسترالىيەنىڭ «تېرەن تىنتىش» نى ئەپىنى چەكلىشى ئاۋسترالىيە پوچتا سىستېمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىكەن. بۇيرۇقتا، بۇ ئەپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى بايقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بارلىق ئېلېمېنتلىرىنى ھۆكۈمەت ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن دەرھال ئۆچۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
خىتاينىڭ «تېرەن تىنتىش» سۈنئىي ئەقىل ئەپى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئالما ئەقلىي يانفونىدا ئەڭ كۆپ يۈكلەنگەن سۈنئىي ئەقىل ئەپىگە ئايلىنىپ، ئامېرىكانىڭ ChatGPT سۈنئىي ئەقىل ئەپىدىن ئېشىپ كەتكەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ ئەپنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تىبەت مەسىلىسى، تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە ئوخشاش نازۇك سىياسىي تېمىلارنى سېنزورلاش ئىقتىدارى بارلىقى، ئۇنىڭ بۇ خىل نازۇك سىياسىي مەسىلىلەردە كومپارتىيەنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان. «تېرەن تىنتىش» ئەپى يەنە كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى مەسىلىسىدىمۇ قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەپتىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇمات توپلاش خەۋپى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئەپنى چەكلىشىگە سەۋەب بولغان.
«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ «تېرەن تىنتىش» ئەپىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا چەكلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. خەۋەرلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەنى «سودا، ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇش» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇن بولسۇن، كېيىن بولسۇن ھېچبىر ۋاقىت شىركەت ياكى شەخسلەردىن قانۇنسىز سانلىق مەلۇمات توپلاش ياكى يىغىشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتا، ئۈندىدار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن كەڭ پايدىلانغان ئىكەن.