خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Deep Seek كوممۇنىست خىتاينىڭ ئاغزى بىلەن گەپ قىلىدىكەن
2025.01.29
نۆۋەتتە ئۇچۇر تېخنىكىسى، جۈملىدىن سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ساھەسىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان «تېرەن تىنتىش» (Deep Seek) ناملىق سۈنئىي ئەقىل مودېلى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ساھەسىدە ئامېرىكانىڭ Open AI تېخنىكىسىغا جەڭ ئېلان قىلغان يېڭى ئەپ دەپ قارالماقتا. ھالبۇكى، بۇ يېڭى سۈنئىي ئەقىل مودېلىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا ئۇچۇر تارقىتىدىغانلىقى بىلىنمەكتە.
«كومپيۇتېر ژۇرنىلى» 28-يانۋار ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، خىتاي شىركەتلىرى بازارغا چىقارغان Deep Seek نىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات يۆنىلىشى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. يەنى، بۇ قانداقتۇر «يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۈنئىي ئەقىل مودېلى» خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن سەزگۈر سىياسىي مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇن ئۇچۇرنى تارقىتىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، Deep Seek نى سىناق قىلىپ باققانلار ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ Chat GPT بىلەن ئاساسەن ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان. Deep Seek بىلەن Chat GPT ھەر ئىككىسىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش نېمە؟» دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇنىڭغا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، كۆپ ئادەمنى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولاش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇغۇتنى چەكلەش ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما ئارقىدىنلا Deep Seek بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە يۇقىرىقى جاۋابىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، «كەچۈرۈڭ، بۇ سوئاللار مېنىڭ جاۋاب بېرىش دائىرەمدىن ھالقىپ كەتتى، بىز باشقا ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشايلى» دېگەن. Chat GPT دا بۇ ئەھۋال كۆرۈلمىگەن. دېمەك، Deep Seek كۆپلىگەن سوئاللارغا Chat GPT نى تەقىلد قىلغان ئاساستا جاۋاب بەرسىمۇ، سەزگۈر سىياسىي مەسىلىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغانلىقى ۋە ئۇلار يول قويغان دائىرىدىكى ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
DeepSeek پاراڭلىشىش ماشىنىسى يەنە خىتايدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن قاچقان. ئۇنىڭدىن باشقا تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە، «تەيۋەن ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنمۇ؟» دېگەن سوئالغا «تەيۋەن ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ باققان ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ جاۋاب كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان جاۋابى بىلەن ئوخشاش چىققان.
Deep Seek ھەققىدە چىققان باشقا خەۋەرلەردە يەنە، بۇ سۈنئىي ئەقىل سۇپىسىنىڭ خىتاينىڭ تىك-توك ئەپ دېتالىدىن كېيىن چىقارغان يەنە بىر ئۇچۇر ئوغرىلاش قورالى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشتىن باشقا يەنە، كۆپلىگەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.