دىلنىگار ئىلھامجاننىڭ خىتاي كۈچ ئۇلاپ چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى
2022.02.16
خىتاي ساھىبخانىلىق قىلغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىككى كىشىلىك مەشئەل گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان دىلنىگار ئىلھامجان ھەققىدە يېقىندىن بۇيان يەنە يېڭى خەۋەرلەر مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
SupChina تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى سۆھبەت پروگراممىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بۇيان خىتايدا «داڭلىقلارنىڭ داڭلىقى» بولغان شەخسكىلا نېسىپ بولىدىغان «ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىش» شەرىپى ھېچقانداق «شەرەپ» قۇچۇپ باقمىغان ئۇيغۇر چاڭغا تېيىلىش ماھىرى دىلنىگار ئىلھامجانغا بېرىلگەن. نۆۋەتتە بەزىلەر بۇنى «ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشى» دەپ شەرھىلەۋاتقان بولسىمۇ دىلنىگارنىڭ بېيجىڭدىكى چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ 20 كىلومېتىرغا كۈچ ئۇلاپ چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نامەلۇم ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دىلنىگار ئىلھامجان ئىلگىرى يەتتە كىلومېتىرلىق مۇساپىگە چاڭغا تېيىلىش تۈرىدە 43-بولغاندىن كېيىن خىتاي كوماندىسىنىڭ بۇ تۈردىكى نەتىجىسى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. سۆھبەت ئاپتورلىرى دىلنىگارنىڭ مەشقاۋۇللىرى بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇلار ئۇنى ئالاھىدە ماختاپ بەرگەنىكەن. ئەمما 13-فېۋرالدىكى كۈچ ئۇلاپ چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىدىكى ئەزالار ئىسىملىكىدە دىلنىگارنىڭ ئىسمى ئۆچۈرۈلگەن. تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغىنى ئۇنىڭ ئورنىغا سەپلەنگەن خىتاي ماھىر ئۆتكەن ھەپتىدىكى مۇسابىقىدە دىلنىگاردىنمۇ تۆۋەن نەتىجىگە ئېرىشكەن بىرى ئىكەن.