قاراقاش ناھىيىسىدە مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ تېمىدىكى نەقىشلەر «رۇخسەتسىز ياسالغان» دەپ سۇۋىۋېتىلگەن
2013.07.26
يېقىندا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە بىر مەسچىتنىڭ تېمىغا ئويۇلغان نەقىشلەر «رۇخسەتسىز ياسالغان» دېگەن سەۋەب بىلەن سۇۋىۋېتىلگەن. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ناھىيىدىكى بۇ مەسچىت دەرۋازىسى يېقىندا رېمونت قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىناكارلىق سەنئىتى بويىچە كۆركەم قىلىپ نەقىشلەنگەن.
شۇ قاتاردا مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تام ۋە تۈۋرۈكلەر رېمونت قىلىنىپ، نەقىش ئويۇلغان. لېكىن يەرلىك دائىرىلەر دەرۋازىنى رېمونت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقى، دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 12 مېتىرلىق تام ۋە تۈۋرۈكلەرنىڭ «رۇخسەتسىز»رېمونت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تام ۋە تۈۋرۈكتىكى نەقىشلەرنى لاي بىلەن سۇۋىۋەتكەن. مەزكۇر ناھىيىدە يەنە، مەسچىتلەرنىڭ قۇببىسىدىكى ئاي يۇلتۇزلار پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلانغان.
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋىرىدە، يەرلىك دائىرىلەر ئاي يۇلتۇزنى بۆلگۈنچىلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىت قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلدى. يېڭى مەسچىتلەرنى سېلىشنى چەكلەپلا قالماي، كونا مەسچىتلەرنى رېمونت قىلىشقىمۇ چەكلىمە قويۇپ كەلگەن. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئورگانلىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.