ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەھدىتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىردى
2023.05.18
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» 17-ماي كۈنى مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكا ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەھدىت مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلدى. يىغىندا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تەھدىت ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق سودا ۋەكىلى روبېرت لايتخىزىر (Robert Lighthizer) خىتاينىڭ ھازىر ئىقتىسادىي ساھەدە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ يالغۇز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈنمۇ زور بالايىئاپەتنىڭ بېشارىتى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان گۇۋاھلىق سۆزىدە، «ھازىر ئامېرىكا قىلالايدىغان بىر چوڭ ئىش بۇ تەھدىتنى ۋاقتىدا چەكلەش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە شارائىت ھازىرلاش» دەپ كۆرسەتتى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى روب ۋىتمان (Rob Wittman) بۇنىڭ ھازىر يىللاپ ئويلىشىدىغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى جىددىي تۈردە بىرنەچچە ئاي ئىچىدە قارار ئالمىسا بولمايدىغان دەرىجىدىكى مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئوخشىمىغان ساھەدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار بىردەك خىتاينىڭ ھازىر ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى، ئىقتىسادنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا تەبىئىي بايلىق، ئېنېرگىيە ۋە سودا پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىشى، شۇنىڭدەك بۇ جايلاردا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىكتاتورا شەكلىنى دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «گوگېل» (Google) شىركىتىنىڭ سابىق ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېرىك شىمىت (Eric Schmidt) بۇ ھەقتە ئوبرازلىق قىلىپ: «ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بىزنىڭ دەۋرىمىزنىڭ قانداق بىر دەۋر بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېيىنكى ھاياتىمىزنىڭ قانداق ھايات بولىدىغانلىقىنى بېكىتىدۇ. شۇڭا بىز بۇنىڭغا تېزدىن تۇتۇش قىلىشىمىز لازىم. مەن بۇ ئېلىشىشتا ئامېرىكا يېڭىپ چىقسىكەن، دېگەننى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.