دونالد ترامپ قەسەم بېرىپ 47-نۆۋەتلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ سايلىنىپ چىققان پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ 20-يانۋار كۈنى چۈشتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا قەسەم بېرىپ، رەسمىي ھالدا ئا ق ش نىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولدى.

«فوكس خەۋەرلىرى» نىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىخەتەرلىك ۋە پەۋقۇلئاددە سوغۇق ھاۋا رايى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ قېتىمقى قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. سىياسىي، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردىن كەلگەن يۈزلىگەن كاتتىلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق قەسەم بېرىش مۇراسىمدا دونالد ترامپ قەسەم بېرىپ «ئامېرىكا خەلقىگە يوللايدىغان تۇنجى ئۇچۇرۇم شۇكى، بىزنىڭ يەنە بىر قېتىم شىجائەت، تېتىكلىك ۋە تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارى قىلدۇرىدىغان پەيتىمىز كەلدى» دېگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق دەۋرىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى يەنە بىر «ئالتۇن دەۋر» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى زور دەرىجىدە يىرىكلىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ۋە دىكتاتۇرا ئاساسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسىنى دۇنياغا كېڭەيتىش ئاساسىدىكى دۇنياغا زومىگەر بولۇش «شېرىن چۈشى» ئۈچۈن قاتتىق بىر زەربە، دەپ قارالماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا بىر قاتار ئىجرائىيە بۇيرۇقلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى، چېگرادا تام سوقۇش، جىنسىيەت ئايرىمىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق سۆھبەت تېمىلىرىدىن بولۇپ قالماقتا.