دونالد ترامپ يۇقىرى باج ئارقىلىق خىتاي كارخانىلىرىنى مېكسىكادىن سىقىپ چىقارماقچى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.15

ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى (NBC) نىڭ 15-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ كېلەر ھەپتە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بىلەنلا، يۇقىرى تاموژنا بېجى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دونالد ترامپ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە خىتايدىن نەچچە ئون مىليارد دوللار تاموژنا بېجى ئالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن خىتاي كارخانىلىرى زاۋۇتلىرىنى مېكسىكاغا يۆتكەش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىدىن قۇتۇلغان. مېكسىكانىڭ ئامېرىكاغا يېقىن جايلىرىدا خىتاينىڭ كۆپلىگەن سانائەت رايونى، ئاپتوموبىل ۋە يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتلىرى قۇرۇلغان، 7000 ئىش ئورنى يارىتىلغان. 2023-يىلى، خىتاي شىركەتلىرى 2021-يىلدىن بۇيان مېكسىكاغا سالغان مەبلىغىنىڭ جەمئىي 4 مىليارد دوللارغا يېقىن بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2024-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمدا بۇنىڭغا يەنە، 1.4 مىليارد دوللار قوشۇلغانلىقى خاتىرىلەنگەن؛ بۇ خىتاينىڭ 2014-يىلدىن 2020-يىلغىچە مېكسىكاغا سالغان مەبلىغىنىڭ 4 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا ئارىسىدا سودا كېلىشىمى بولۇپ، ئامېرىكاغا كىرگەن مېكسىكا ماللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىكەن. ئەمما دونالد ترامپ بۇ ھەقتە مېكسىكانى ئاگاھلاندۇرۇپ، كېلەر ھەپتە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بىرىنچى كۈنىلا، مېكسىكادىن كىرىدىغان ماللارغا تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر مېكسىكادىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ يېقىندا 37 خىتاي شىركىتىگە ئېمبارگو قويۇشى خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر زەربە بولغان. كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايغا قارىغاندا مېكسىكا ئامېرىكا بىلەن سودا جەھەتتە قايتا سۆھبەتلىشىشكە ئەڭ لايىق ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دونالد ترامپ ئەگەر مېكسىكاغا تاموژنا بېجى قويسا، «ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا سودا كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلغان بولىدىكەن؛ بىر قاتار قانۇنىي توسالغۇلارغا، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭمۇ يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇشىغا ئۇچرايدىكەن ھەمدە بۇنىڭدىن ئامېرىكا شىركەتلىرى زىيان تارتىدىكەن. ئەمما پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ داۋالغۇش بولمايدىكەن. پەقەت ئاپتوموبىلدىن تارتىپ يېمەك-ئىچمەك ماللىرىنىڭ باھاسىدا ئۆرلەش بولىدىكەن. مېكسىكادىن ھەيدىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادا زاۋۇت قۇرۇشىمۇ قىيىن بولۇپ، چىقىم يۇقىرى، ئەمگەك كۈچى قىممەت بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.