پىرېزىدېنت دونالد ترامپ: «شى جىنپىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتىمەن»
2025.01.07
پات يېقىندا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئارقىلىق داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا شى جىنپىڭ بىلەن ۋاسىتىلىك شەكىلدە ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ئارقىلىق داۋاملىق پىكىرلىشىپ تۇرۇۋاتىمىز. مەنچە بىز ئوبدان چىقىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما يولىمىز ئايرىم» دېگەن.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە ئامېرىكادىن ناھەق ئۇسۇلدا نەپ ئېلىشىغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، سايلام مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە خىتايدىن 60 پىرسەنت باج ئالىدىغانلىقىنى، خىتايدىن كىرىۋاتقان فېنتالىننى چەكلەش ئۈچۈن، يەنە 10 پىرسەنت باج قوشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا شى جىنپىڭنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ بارمايدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياشېن 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ «ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، شۇنىڭدەك بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەت ئېلىش» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دونالد ترامپنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت كابېنتىدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتايغا قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇنىڭدىن بېسىم ھېس قىلغان ھەمدە ئالدى بىلەن دونالد ترامپنى مايىل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.