دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى
2024.11.11
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئونلىغان پارلامېنت ئەزالىرى ب د ت نىڭ مۇساپىرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارىغا خەت يېزىپ، تايلاندتا ئون يىل تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق» خەۋەر تورىنىڭ 11-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىشلىرى پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان 26 پارلامېنتنىڭ 50 دەك ئەزاسى ب د ت نىڭ مۇساپىرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى فىلىپپو گراندى (Flippoo Grandi) غا بىرلىكتە خەت يېزىپ، 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قەتئىي قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتايغا دەسسىگەن ھامان زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقى، تۈرمىگە كىرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرلىرى 25 ياشتىن 50 ياشقىچە بولۇپ، تۇرۇۋاتقان شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن 10 يىل ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بىر قانچە ئۇيغۇر ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ تۇغقانلىرى، ئادۋوكاتلىرى ياكى باشقا ئادۋوكاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارغا باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشىمايدىغان داۋالاش ئۆلچىمى قوللىنىلىدىكەن.
تايلاندتا 10 يىلدىن بېرى قاماقتا يېتىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار ئۆز ئېلىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن تايلاندقا قېچىپ كەتكەن 350 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلاردىن 172 ئايال ۋە بالا تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن، 109 كىشى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلغانىدى.
ئەنگلىيە، كانادا، ياۋروپا پارلامېنتى، ئۇكرائىنا، گېرمانىيە، تەيۋەن ۋە شىۋېتسارىيە قاتارلىقلارنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى فىلىپپو گراندىغا يازغان خېتىدە: «بىز ئاشۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى چوقۇم چىقىدۇ دەپ ئويلايمىز» دېگەن. ئۇلار خېتىدە، 48 ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلانغان دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارىلاپ، ئالاقىدار ئورگانلارنى ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشكە چاقىرغان.
خىتاي ئىشلىرى پارلامېنتلار بىرلەشمىسى دېموكراتىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ھالقىغان خەلقئارالىق ئىتتىپاقى بولۇپ، «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيە دۈشمەنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق نىزامىغا سالىدىغان تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش» نى ئاساسىي نىشان قىلىدىكەن.