دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تىزگىنسىز باستۇرۇشى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەقىب قىلىشىغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۆز بىلەن رېياللىقنى ئايرىۋېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. باياناتتا 3 مىليوندەك كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، نازارەت ئاپپاراتلىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى، «ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىلا بېيجىڭنىڭ سۆزلىرىنى كۈلكىلىك نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر بايانات خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئۆكتەبىر كۈنى داغدۇغىلىق پارات ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ غەلىبىسى» نى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىدىن ئۈلگە ئېلىشقا ئۈندەۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئېنىق ئاشكارىلانغان بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ دۇنيادىكى باشقا جايلارغا تارقىلىشىنى توسۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى يىللاردىكى ۋەزىپىسىدۇر،» دېيىلگەن. باياناتتا تەكىتلىشىچە، خىتاي تەرەققىياتنى ئۆزىنىڭ تۈپ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلماسلىقىنىڭ باھانىسى قىلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بەدىلىنى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۆتىمەكتە ئىكەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر رايونى يېقىنقى يىللاردا غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئادىل بولمىدى. ئىقتىسادى كەمسىتىش (ئۇيغۇرلار) نىڭ ئەمگەك بازىرىغا كىرىشىگە داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى كىرىمدىكى خىزمەتلەرگە كىرىشى چەكلىنىپ كەلدى.» باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ۋە پرىنسىپال ئىنكاس قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەت، موڭغۇل، تەيۋەن، خىتاي خەلقى ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.