د ئۇ ق شۋېتسارىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قارارىنى رەت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.10.02

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2021-يىلى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكارلىقى بار تۆت خىتاي ئەمەلدارى بىلەن ئۇنىڭ بىر ھۆكۈمەت ئاپپاراتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنىدى. لېكىن «زۇرىخ يېڭى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۋېتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى 2022-يىلى 12-ئايدا قارار ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان نىشانلىق ئېمبارگوسىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانىكەن. ھالبۇكى، شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا ئاز كەم بىر يىلدەك بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى بۇ قارارىنى ھازىرغا قەدەر ئاممىغا ئاشكارىلىمىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2021-يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى جۈ خەيلۈن، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىنگو بىلەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنىدى.

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر تەشكىلات 2-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «شۋېتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەيلا قالماي، ئۆزىنىڭ بۇ جىددىي قارارىنى ئاممىغا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلمىغانلىقى» نى ئەيىبلىگەن. باياناتتا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «شۋېتسارىيە كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتچىلىرىنىڭ بىخەتەر پاناھگاھى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ، ئۆزىنى جىنايەتنىڭ شېرىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. پەقەت شۋېتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىش ئارقىلىقلا، ئۇيغۇر خەلقى ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەسئۇل كىشىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتالايدۇ». باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، قىسقىسى شۋېتسارىيە ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان «نورمال مۇناسىۋەت ئىستراتېگىيەسىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك» ئىكەن. شۋېتسارىيە بىلەن خىتاي بۇ يىل 7-ئاينىڭ باشلىرىدا 17-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بارغان. شۋېتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىئالوگدا ئۇلار تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.