دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ئەيمى گاتمەنگە رەھمەت ئېيتتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.03.20

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىشى، روزا تۇتۇپ، دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەۋاتقانلىقى تەنقىدكە ئۇچراۋاتقاندا ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاننى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ مۇراسىمغا ئۇيغۇرلارنىمۇ تەكلىپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ X رەسمىي ھېسابىدىن ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ئەيمى گاتمەن (Amy Gutmann) نىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدىكى رامىزاننى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىغا دىققەت قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ رامىزانىنى تەبرىكلەپ مەزكۇر مەخسۇس ئىپتارغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقىدىن غۇرۇر ھېس قىلغانلىقىنى ھەم رەھمىتىنى ئىزھار قىلغان.

لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رامىزان كېلىش بىلەن تەڭ بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاننى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش، دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنى داۋاملىق چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەنىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەك بازارلىرى ۋە توي-تۆكۈن سورۇنلىرى نورمالدىكىدەك قايناق ھالەتتە داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە دۆلەت رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ رامىزان ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر يوقلۇقى بىلىنمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياكى بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانىنى تەبرىكلەيدىغان بىرەر تەبرىكنامە ئېلان قىلىپ باقمىغان.

رادىيومىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانۇن ساھەسىدە، رامىزان مەزگىلىدە كۆزىتىش ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكى ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا سەھنىلەردە «بەختلىك مۇسۇلمانلار» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايونلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ رامىزان مەزگىلىدىمۇ تاقاقلىق ۋە دىنىي زاتلارنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.