دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار فېدېراتسىيە ئالىي سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.08

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار فېدېراتسىيە ئالىي سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۈستىدىن داۋا ئېچىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ نارازىلىق ئەرزى، بۇئېنۇس-ئايرېستىكى جىنايى ئىشلار سوتى جىنايى ئىشلار فېدېراتسىيە ئالىي سوتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئۇچراش مەسىلىسى بويىچە داۋا ئېچىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغاندىن كېيىن سۇنۇلغان.

2022-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنگلىيە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولەك قاتارلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ئىدى. بىراق ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى بۇ داۋاغا قارىماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغان. ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار فېدېراتسىيە ئالىي سوتى 2024-يىلى 11-ئىيۇل كۈنى قارار چىقىرىپ، بۇئېنۇس-ئايرېستىكى بۇ جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دېلوسى ئۈستىدىن سوت ئاچماسلىق قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، شۇنداقلا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ دەرھال تەكشۈرۈش باشلىشىنى بۇيرۇغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلمىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادوۋكات مايكىل پولەك بۇئېنۇس-ئايرېستىكى بۇ جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «بۇ دېلو ئارگېنتىنا قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئوبيېكتىپلىقى ۋە ئۇنىڭ ئارگېنتىنا ئاساسىي قانۇنىنى قوللىنىشتىكى تەرەپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قېتىملىق سىناق» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز سوتنىڭ ئادىل قارار چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، بۇ دېلو ئارقىلىق زور ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قورقۇتۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئادەم قىيناش جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراش ھوقۇقى بار بولۇپ، سوتقا سۇنۇلغان ئەرزنامىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن ئىبارەت خەلقئارالىق جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ نارازىلىق ئەرزى 6-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولەك تەرىپىدىن ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.