دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت غا تاپشۇرغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن
2023.07.24
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنى 2024-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ 4-قېتىملىق قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ 4-قېتىملىق قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىش يىغىنىدا دوكلات سۇنۇپ، نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ 2018-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئۆتكەن قېتىملىق قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىشتىن بېرى، خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى، ھالبۇكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى 2018-يىلدىن بېرى تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا، «(خىتاي) ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، زورلۇق بىلەن تۇغۇت چەكلەش، كەمسىتىش خاراكتېرلىك كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنى نىشان قىلغان شەخسىي مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قانۇن رامكىلىرىنى تۈزۈپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاينىڭ ئىچكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى» دېيىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2024-يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 45-نۆۋەتلىك يىغىنىغا دوكلات تاپشۇرغان 2-ئۇيغۇر تەشكىلاتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» مۇ بۇ يىغىنغا ئۆزىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرغانلىقى، دوكلاتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا دائىر دەلىللەرنى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ يىغىندا 4-قېتىم خىتاينىڭ قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىدۇ. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي 2018-يىلىدىكى 3-قېتىملىق قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىش يىغىنىدا، دىنىي ئەركىنلىك، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىلىشتىن قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك 15 خىل تەۋسىيەنى قوبۇل قىلىپ، نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن 5 يىلدىن بېرى بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئىجرا قىلمىغان.