د ئۇ ق خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئولىمپىك نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدىكى ئەرز خېتىنى ئولىمپىك ئەخلاق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بان كى مۇننىڭ شەخسەن ئۆزى كۆرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ چاقىرىقى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتتە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش خەلقئارادا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەسلىكنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلار بارلىقىنى كۆرسەتكەن. د ئۇ ج نىڭ 5-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىشىچە، خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇلارنىڭ ئەرزىگە توغرا مۇئامىلە قىلمىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل 26-فېۋرال ئولىمپىك ئەخلاق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بان كى مۇنغا خەت يازغان.

ئۇلار خېتىدە خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغاندىن كېيىنمۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنى قايتا ئويلاشماي، ئولىمپىك نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى»، ئۇلارنىڭ ئەرز خېتىنى بان كى مۇننىڭ شەخسەن ئۆزى كۆرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا «بىز بان كى مۇن ئەپەندىنىڭ ئەرزنى شەخسەن ئۆزى كۆرۈپ چىقىشقا ياكى يېڭى ئەخلاق-ئەرزىيەت خادىمى تەيىنلەپ، بۇنى مۇۋاپىق شەكىلدە كۆرۈپ چىقىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن. بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھازىرغا قەدەر د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىغان.