د ئۇ ق نىڭ 5 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر پارىژغا جەم بولدى
2016.07.10
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر 10 - ئىيۇل كۈنى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يىغىن تەييارلىقىغا كىرىشتى.
مۇخبىرىمىزنىڭ پارىزھدىن خەۋەر بېرىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق رەھبەرلىرى پارىژ شەھىرىدىكى يىغىن ئېچىلىدىغان مېھمانخانىدا جەم بولۇپ، 11 - ئىيۇل كۈنى باشلىنىدىغان قۇرۇلتاينىڭ خىزمەتلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلەشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەملىكەتلىرى، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر پارىزھ شەھىرىدىكى «نوۋوتېل» مېھمانخانىسىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش، يىغىن رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى.
خەۋەر قىلىشىچە، 11 - ئىيۇل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 9 يېرىمدىن 12غىچە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، باشقا بارلىق يىغىنلار نوۋوتېل مېھمانخانىسىدا 13 - ئىيۇلغىچە داۋاملىشىپ، 130 نەچچە ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشىدا دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدىكەن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
قۇرۇلتايغا يەنە بىر قىسىم خەلقارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەرمۇ قاتنىشىدۇ.