ئامېرىكا باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنس ئەكبەر ئەسئەتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان
2025.01.07
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنىس 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن X دا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەكبەر ئەسئەت بۈگۈن ئۆزىنىڭ 40 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى شىنجاڭدىكى تۈرمىدە ئۆتكۈزمەكتە، ئۇ 8 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۈرمىدە ناھەق قامىلىپ ياتماقتا. مەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، ناھەق قامالغان كىشىلەرنى دەرھال ھەم شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن».
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىس ۋان ھوللېن (Chris Van Hollen) مۇ X دا يوللىغان ئۇچۇرىدا ئەكبەر ئەسئەتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ: «ئەكبەر ئەسئەتنىڭ خىتايدا ئادالەتسىزلەرچە قامالغىنىغا 9 يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى، ئۇ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ھەم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پىروگراممىسىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ھەر بىر كۈنىنى، بولۇپمۇ تۇغۇلغان كۈنىنى تۈرمىدە يالغۇز ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك، ئۇ چوقۇم قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» دەپ يازغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تور باشقۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەت 2016-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «خەلقئارا زىيارەتچىلەرنى تەربىيەلەش رەھبەرلىك پىروگراممىسى» غا قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، 2020-يىلنىڭ بېشىدا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئەكبەر ئەسئەت، گۈلشەن ئابباس قاتارلىقلارنىڭ تەقدىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. 2023-يىل 4-ئايدا ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس ئەكبەر ئەسئەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېردا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئەكبەر ئەسئەت ۋە باشقا مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.