ئەل-جەزىرە تېلىۋىزىيەسى 8-ئىيۇل كۈنى تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ناھايىتى كەڭ كۆلەملىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.
«خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەپسىلىي خەۋەردە «خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ مەنبەسى، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار توپىغا قاراتقان باشتۇرۇش سىياسىتىنى ‹ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش› تەدبىرى دەپ ئاقلىشى بىلەن خەلئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئەيىبلىشى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا كۆرۈلىۋاتىدۇ» دەپ يېزىلغان.
خەۋەردە، ب د ت نىڭ دوكلاتى ۋە باشقا ھۆججەتلەر نەقىل كەلـتۈرۈلۈپ، رايوندا ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە يەنە ئاز دېگەندە ئىككى مىليون ئۇيغۇرنىڭ ھەرخىل «قايتا تەربىيە» لاگىرلىرىغا قامالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ زادى كىملىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي، «شىنجاڭ»، يەنى يېڭى چېگرانىڭ مەنىسى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى دېگەندەك تېمىلار بويىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قاراپ چىقىلغان.
خەۋەردە مۇنۇلار دىيىلگەن: «خىتاينىڭ رەسمىي ئىستاتىسكىلىرىغا قارىغاندا، 12 مىليون ئۇيغۇر بار بولۇپ، شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىدۇ. 1953-يىلىدىكى خىتاينىڭ شىنجاڭغا ئائىت نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى تولۇق ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قەشقەر شەھىرىدىكى 1 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ 97 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، خوتەندىكى 700، 000 كىشىنىڭ 99 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى تەخمىنەن 20 مىليونغا يېتىدىكەن.»
ماقالىدا 1933-يىلى ۋە 1944 يىللىرى ئۇيغۇرلار مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇ زېمىننى ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى دەپ ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان دوكتور گاردنېر بوۋىڭدون بىلەن درۇ گلادنىي قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ باھالىرى يەر ئالغان.
ئۇنىڭدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررولۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى ھەرىكەت» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، ئاسسىملاتسىيە سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈشى ۋە ئاقىۋەتتە ھازىرقىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتلار ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرى ئاساسىدا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.