قۇمۇل شەھىرىنىڭ نوم بازىرىدا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى توك ئىستانسىسى قۇرۇلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.09.13

خىتاينىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر كان بايلىقلىرىدىن باشقا، قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئىستانسىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 13-سېنتەبىر چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى قۇمۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسى نوم بازىرى ئەتراپىغا كەڭ كۆلەملىك شامال ئېنېرگىيەسى توك ئىستانسىسى ۋە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرغان. خىتاي ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل شىركەتلەر قۇمۇلنىڭ شامال كۈچى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قۇمۇلنى خىتاينىڭ ئاساسلىق شامال كۈچى ئېلېكتىر بازىسىغا ئايلاندۇرغان؛ شۇنداقلا قۇمۇل شەھىرىنى شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ھەمدە خىتاينىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى قۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان.

«خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى» 2024-يىل 5-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 3100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى پامىر ئېگىزلىكىگە چوڭ ھەجىمدىكى 38 شامال چاقپەلىكى تولۇق ئورنىتىش پىلانلانغانلىقى، 20 چاقپەلەكنىڭ ئورنىتىلىپ بولغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. خىتاي ئىلگىرى داۋانچىڭ ئەتراپىغا شامال ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىدىغان چاقپەلەكلەرنى ئورناتقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ھەم شەرقىي رايونلىرىغا كېڭەيتكەن. مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شامالدىن توك چىقىرىش مەيدانلىرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلارغا، بولۇپمۇ قۇشلارغا بىۋاسىتە زىيان سالىدىكەن. شامال چاقپەلەكلىرىنىڭ كېرەكتىن چىققان ياپراقچىلىرىنى يىغىۋېلىش قىيىن بولۇپ، ئۇمۇ مۇھىتنى بۇلغايدىكەن.

خىتاينىڭ بۇنداق خەۋەرلىرىدە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان ۋە قۇرۇۋاتقان بۇ خىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى «بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشقا تەرەققىي قىلىش» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، ئاتالمىش «يېشىل ئېنېرگىيە» ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنچە پاكىز ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىدىن باشقا يەنە قۇل ئەمگىكىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.