ئېلىسە ئاندېرسون خانىم ئاركانساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتىكى سىمۋوللۇق رولى» تېمىسىدا لېكسىيە بەرمەكچى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.04.18

ئامېرىكىلىق مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فولكلور ۋە مۇزىكا كەسپىدىكى دوكتۇر كاندىداتى ئېلىسە ئاندېرسون خانىم 20-ئاپرىل كۈنى ئاركانساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتىكى سىموۋوللۇق رولى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرمەكچى.

ئاركانساس ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەكتەپ تورىدا 17-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنى تېررورىزمنىڭ ئۇۋىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كونترول قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىدا قوغدالغان ئۇيغۇر تىلىنىمۇ يىلتىزىدىن يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتىدە راۋاجلاندۇرۇۋاتقان ئىكەن.

«يوۇتۇبې» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ئېلىسە ئاندېرسون خانىم 2014-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى ساداسى» نامىدىكى ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «نازاكەت» نامى بىلەن تونۇلغان. ئېلىسە خانىم ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ 2004-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا تۇنجى قېتىم كەلگىنىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈشلۈك كلاسسىك مۇزىكىسى بولغان 12 مۇقامغا قىزىقىپ قالغانلىقى ۋە مۇقام ئىشتىياقى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مۇقامىنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.