يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى، «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى ۋە ئاتاقلىق يەھۇدى ئىنسانپەرۋەرى ئېلېي ۋېيسېلنىڭ ئوغلى ئېلىشا ۋېيسېل 27-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت نىڭ «يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش» يىغىنىدا، ب د ت نى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. ئۇ: «بۇ بىزنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتىمىز،» دەپ كۆرسەتكەن. ئېلىشا ۋېيسېل سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى يەھۇدى قىرغىنچىلىقى جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەھشىلىكلەرگە سېلىشتۇرغان.
ئېلىشا ۋېيسېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە بولغان كۆز قارىشى «ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يەھۇدىي ھاياتىنى ھۆرمەتلەش ۋە داۋاملاشتۇرۇش، شۇنداقلا يەھۇدىلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئاپىرىپ قويغان يەھۇدى دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش» تىرىشچانلىقى ئىكەن.
ئېلىشا ۋېيسېلنىڭ دادىسى ئېلېي ۋېيسېل يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە گېرمانىيە ناتسىستلىرىنىڭ ئوسۋىتز ۋە بۇخېنۋالد جازا لاگېرلىرىغا قامالغان. ئۇ جازا لاگېرلىرىدىن ساق قۇتۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە سىڭلىسى ناتسىستلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئېلېي ۋېيسېل يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئاتاقلىق يازغۇچىغا ئايلانغان، شۇنداقلا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى يەھۇدى قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزىيىنىڭ قۇرۇلۇشغا ياردەم بەرگەن.
2016-يىلى ۋاپات بولغان ئېلېي ۋېيسېل ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى ئۈچۈن «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئېلىشا ۋېيسېل سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە ب د ت نىڭ داۋاملىق ئىسرائېلىيەنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەنقىدلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆز يۇمغانلىقىنىمۇ ئەيىبلىگەن. ئۇ: «دۇنيا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشكە، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا كۆز يۇمغانسېرى، بېرما، دائىش، تالىباندەك دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ روھىنگالار، يەزىدىلەر ۋە ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ،» دېگەن.